姓名:
位置: China

2008年2月3日星期日

جۇڭگونىڭ بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىر



جۇڭگونىڭ بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى تەڭشىشى دۇنيادا مۇنازىرە قوزغىدى

جۇڭگونىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى تەڭشىشى جۇڭگولۇقلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئايلاندى، شۇنداقلا دۇنيادا زور مۇنازىرە قوزغىدى. گېرمانىيە ‹‹چولپانلار›› ژۇرنىلىدا: جۇڭگونىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئىسلاھاتى بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئوخشاش تېز، دېيىلدى. بۇ جۇڭگودىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىلا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا بولغان تونۇشىنىڭ ئۆسكەنلىكىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
‹‹ئەمگەكچىلەرگىمۇ ۋە ھەميانغىمۇ ياخشى››
ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى(BBC) نىڭ خەنزۇچە تورىدا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ئالتۇن ھەپتە›› تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. دەسلەپكى لايىھە شىنخۇا تورى، خەلق تورى، دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى تورى، شۇنداقلاSOHU، SINA قاتارلىق تور پونكىتلىرىدا ئېلان قىلىندى ھەم ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ پىكرى ئېلىندى. 9 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن لايىھە ئېلان قىلىنىپ كەچ سائەت 10غىچە، بەش چوڭ تور پونكىتىدا تەخمىنەن 450مىڭ تور ئەھلى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،%90كە يېقىن تور ئەھلى دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام ۋە دەم ئېلىش ئومۇمىي كۈن سانىنىڭ 11 كۈنگە كۆپەيتىلگەنلىكىنى قوللىغان.%70تىن ئارتۇق تور ئەھلى چوكانتال بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەنئەنىۋى بايرامنى دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنىگە كىرگۈزۈشىنى قوللىغان.%80تور ئەھلى دۆلەت بايرىمى ۋە چاغاندىن ئىبارەت ئىككى ‹‹ئالتۇن ھەپتە››نى ساقلاپ قېلىشنى،%80تىن ئارتۇق تور ئەھلى چاغاندىكى دەم ئېلىش كۈنىنى ھارپا كۈنىگىچە سۈرۈشنى قوللىغان. %80كە يېقىن تور ئەھلى يېڭى يىل بايرىمى، ‹‹1 – ماي›› ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە يېڭىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈچ بايرامدا ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشنى قوللىغان.%90 تىن ئارتۇق تور ئەھلى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش بىلەن دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى قوللىغان. ئاممىنىڭ ھازىر قى ئەڭ مۇھىم ئەندىشىسى: نۇرغۇن ئورۇن چاغان ھارپىسىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدۇ، چاغاندىكى دەم ئېلىشنى ئالدىغا سۈرۈش بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشنى ئازايتىش بىلەن باراۋەر، بۇنىڭدىن سىرت، ‹‹ئۈچ كۈن دەم ئېلىش›› سىرتقا چىقىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىسىز، بۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس. كۆپچىلىك يەنە ‹‹ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش بىلەن دەم ئېلىش تۈزۈمى›› نىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇش – قويۇلماسلىقىدىن غەم قىلىۋاتىدۇ.
ئەنگلىيە ‹‹Mathaba›› تور پونكىتىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو 1995–يىلىدىن باشلاپ ھەپتىدە ئىككى كۈن دەم ئېلىشنى يولغا قويدى، دەم ئېلىش كۈنى 111 كۈنگە يەتتى. 1999–يىلى ‹‹ئالتۇن ھەپتە›› يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دەم ئېلىش كۈنى 411 كۈنگە يەتتى.
شياڭگاڭ ‹‹جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى›› گېزىتىنىڭ 11 – نويابىردىكى باش ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى دەم ئېلىش كۈنى پىلانى ئەمگەكچىلەرگىمۇ ۋە ھەميانغىمۇ ياخشى. يېڭى پىلان مەدەنىيەت، ئەنئەنە ۋە ئائىلىگە بولغان تېخىمۇ چوڭ ھۆرمەتنى ئىپادىلەپ بەردى، بۇ قىممەت قاراشلىرى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تېز ئۆزگىرىشىدە ساقلاپ قېلىشقا ئەرزىيدۇ. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى دەم ئېلىش تۈزۈمى ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرگىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، ‹‹ئالتۇن ھەپتە››دە ساياھەت ۋە ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىگە 1 – قېتىم كونكرېت بەلگىلىمە چىقارغانلىقى بولۇشى مۇمكىن.
جۇڭگونىڭ دەم ئېلىش كۈنىنى كۆپ دېيىشكە بولمايدۇ
دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ دەم ئېلىش كۈنىنى كۆپ دېيىشكە بولمايدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ئوخشىمايدۇ، كورىيىدە 15كۈن، تايلاندتا 13كۈن، ياپونىيە ۋە ھىندىستاندا 12كۈن، فرانسىيىدە 11 كۈن، ئامېرىكىدا ئون كۈن، ئەنگلىيىدە توققۇز كۈن.
روسىيىنىڭ بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى خېلى كۆپ، جۇڭگودىكى ‹‹ئالتۇن ھەپتە››گە ئوخشاپ كېتىدۇ، بىرى، 5 – ئاينىڭ بېشىدا، يەنە بىرى، يىلنىڭ ئاخىرىدا. بۇ ۋاقىتلاردا كۆپ قىسىم ئاپپاراتلار دەم ئېلىش ھالىتىدە بولۇپ، موسكۋادا ئادەم قالمايدۇ.
گېرمانىيىلىكلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنى جۇڭگولۇقلارنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ. پۈتۈن يىلدا 104كۈن تولۇق دەم ئېلىشتىن باشقا، ھەر بىر ئادەم ھەر يىلدا 30كۈندىن 40كۈنگىچە مائاشلىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ، يەنە قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنىنى قوشقاندا، دەم ئېلىش كۈنى 150كۈندىن ئېشىپ، پۈتۈن يىلنىڭ بەشتىن ئىككى قىسىم ۋاقتىدا ئاساسەن دەم ئالىدۇ.
ھىندىستاننىڭ بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى خېلى كۆپ، ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان دەم ئېلىش كۈنى يىلدا 120نەچچە كۈن. ھىندىستاندا ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەتنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىشىدا، ئەنئەنىۋى بايراملارنى ئۆتكۈزۈش خېلى زور رول ئوينىغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھىندىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى خىزمەتكە قاتناشقان تۇنجى يىلىلا سەككىز كۈن مائاشلىق دەم ئالالايدىكەن، ھۆكۈمەت تارماقلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق مائاشلىق دەم ئېلىش ۋاقتى ئادەتتە بىر ئاي بولىدىكەن، ھۆكۈمەت يەنە دەم ئېلىش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، مەسىلەن: بېرىپ – كېلىش پويىز بېلىتى قاتارلىقلار.
ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىكەن. ئامېرىكا ئىقتىسادىي سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ بۇ يىل مايدىكى بىر تەكشۈرۈشىدە: ئامېرىكا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە بىردىنبىر مائاشلىق دەم ئېلىش قانۇنى يوق دۆلەت، شۇڭلاشقا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن%25خۇسۇسىي كارخانا خىزمەتچىلىرى پۈتۈن يىلدا مائاشلىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغان، دېيىلدى.
ئۆرپ – ئادەت بايراملىرىنى قوغداش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
گېرمانىيە ئۆرپ – ئادەت مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى شىللېس ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىغا: 20نەچچە يىل بۇرۇن، جۇڭگونىڭ دەم ئېلىش كۈنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسلىقى، سىياسىي ئامىل بويىچە بەلگىلىنەتتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، ئىقتىسادىي ئامىل يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىدى؛ ھازىر، بېيىغان جۇڭگولۇقلار دەم ئېلىش كۈنىنى تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئۇنىۋېرسال نۇقتىلاردىن تېخىمۇ كۆپ ئويلىشىپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا بولغان تونۇشىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، جۇڭگونىڭ ئۆرپ – ئادەت بايرىمىنى قوغداشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تايلاندلىق ساياھەت يېتەكچىسى پانون مۇنداق دېدى: ‹‹ئالتۇن ھەپتە››دىن بىرى قىسقارتىلسا، ‹‹1 – ماي›› ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە تايلاندقا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما پۈتۈن يىلدا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. جۇڭگو دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشەپ، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت ئېڭىنى ئاشۇردى، بۇ تايلاندلىقلارنىڭ قارىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
ھىندىستان نېھرو ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكتورى كىئان مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلار دەم ئېلىش ھوقۇقىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، جۇڭگو ئىلگىرى خەلقئارالىق بايرام ياكى سىياسەت خاراكتېرلىك بايراملارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرەتتى، ھازىرقى ئۆزگىرىش ئەنئەنە، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىنىڭ جۇڭگودا قايتىدىن ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن

标签:

0 条评论:

发表评论

订阅 博文评论 [Atom]

<< 主页